تۈركىيە – گىرېتسىيە تېخنىكىلىق يىغىنى

گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش ئورگىنىدا «بۇرۇلۇش مېتودلىرى» مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېخنىكىلىق يىغىننىڭ بۈگۈن چاقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

1490929
تۈركىيە – گىرېتسىيە تېخنىكىلىق يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفونلىشىشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىدا، تۈركىيە – گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى ئارا يىغىن چاقىرىلىشى قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

بۇ دائىرىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «بۇرۇلۇش مېتودلىرى» يىغىنى 10 – سېنتەبىر كۈنى ناتو قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخنىكىلىق يىغىننىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر