تۈركىيە قىسىملىرى يازلىق ھەرىكەتلىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK غا ئېغىر زەربە بەردى

بىخەتەرلىك قىسىملىرى يازدا ئېلىپ بارغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK نىڭ 277 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرۇپ، تەشكىلاتقا ئېغىر زەربە بەردى.

1490312
تۈركىيە قىسىملىرى يازلىق ھەرىكەتلىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK غا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلار ئىچىدە ئاتالمىش تەشكىلات ​​مەسئۇللىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان PKK نىڭ ئاتالمىش ​​ھاكۇرك ئۆلكىلىك مەسئۇلى، كود ئىسمى «ئاگىت گارزان» ۋە ئەسلى ئىسمى مۇرات كالكو، ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان ئىززەت يىگىت ۋە بېنازىر يىلماز ھەمدە كۈلرەڭ تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان كود ئىسمى «سەفكان ماردىن» ئەسلى ئىسمى فەرھات ئاتەش قاتارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈرك مەھمەتچىك ئەسكەرلىرى يەنە تۇنجەلى، دىيارباكىر، بىڭگول، ئەرزىنجان، ئەرزۇرۇم، ئاغرى، قارس، ھاككارى، شىرناك، ماردىن، سىيرت، بىتلىس ۋە ۋان يېزا - قىشلارلىرىدىكى تېرورچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان پاناھجاي، ئىسكىلات ۋە ئامبارلارنىمۇ بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر