«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ نىشانى ھەق – ئادالەت»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگەدىكى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەق ۋە ئادالەت يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1482827
«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ نىشانى ھەق – ئادالەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، بەشتە سارىيى مىللەت قۇرۇلتىيى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 2020 – 2021 – يىللىق ئەدلىيە يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنى چوڭ، كۈچلۈك، باي ۋە غالىب دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ زالىملىقلىرىنى يوشۇرۇشىغا، سۈنئىي سىياسىي ۋە دىپلوماتىك قەھرىمانلىقلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «دېموكراتىيەگە، بىخەتەرلىككە ۋە پاراۋانلىققا مەلۇم جەمئىيەتلەر ئىگە، باشقىلىرىنىڭ ئۇلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق قىممىتى يوق» دەپ قارايدىغان بىمەنە ئاڭنىڭ پاش بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ نىشانى، ھەق ۋە ئادالەت يولىدا ئىزدىنىشتۇر. 780 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق پايانسىز  تېرروتېرىيەگە قارىماي، تۈركىيەنى 10 كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىر ئارال ئارقىلىق ساھىللىرىغا بەند قىلىپ قويۇش تەشەببۇسى، ھەقسىزلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»

ئەتراپتىكى ھەربىر دۆلەتنىڭ ھەققى بولغان ئاقدېڭىزنىڭ بايلىقلىرىنىڭ ئۈستىدە يېتىۋېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ، دەل زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز بۇ كۆلەڭگە ئويۇنىدىن جاق تويۇپ كەتتۇق. ئۆزىگىمۇ پايدىسى بولمىغان بىر دۆلەتنى، تۈركىيەگە ئوخشىغان رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بىر كۈچنىڭ ئالدىغا ئېتىپ، يەم قىلىشقا ئۇرۇنۇش، تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇشقا باشلىدى. دۆلىتىمىزگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلار  قايسى يوسۇندا بىرلەشسە بىرلەشسۇن، تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئەسلا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر