بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 36 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 36 كىشى قازا قىلدى.

1481014
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 36 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 36 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 245 كە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  107 مىڭ 814 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 517 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 17 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 241 مىڭ 809 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر