ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ
ئىچكى كابىنېت يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە چاقىرىلىدۇ.
1478006
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، قارادېڭىزدا تارىخىي تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىلىشى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.