يېقىنقى كۈنلەردە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار 20 نىڭ ئاستىدا بولدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 15كىشى قازا قىلدى.

1469115
يېقىنقى كۈنلەردە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار 20 نىڭ ئاستىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (2020-يىلى 7-ئاۋغۇست) يۇقۇم سەۋەبىدىن 15 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 813 كە چىققان بولدى.

بۇ 24 سائەت ئىچىدە  56 مىڭ 726كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 185 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 28 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 221 مىڭ 574 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر