گىرېتسىيەدە مۇساپىرلار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل قازاغا ئۇچرىدى
گىرېتسىيەنىڭ پورت شەھىرى دەدەئاغاچتا پاناھلانغۇچىلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 ئادەم قازا قىلدى، 2 ئادەم يارىلاندى.
1467468
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاناھلانغۇچىلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىىل ئېگناتىئا تاش يولىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 تە يولدىن چىقىپ كېتىپ ئۆرۈلگەن؛ قازادا 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 2 ئادەم يارىلانغان.
يارىلانغانلارنىڭ دەدەئاغاچ دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، قازانىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.