بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى.

1465628
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5710 غا يەتتى.

بۇ جەرياندا  44  مىڭ 846 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 996 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 981 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 215 مىڭ 516 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر