تۈركىيە جۇمھۇريىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، چەت ئەلدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1460195
تۈركىيە جۇمھۇريىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تۈنۈگۈن (22- ئىيۇل) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چېگرا سىرتىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەشنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق – ھوقۇق دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ئىشغاللىرىنى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمچى خاراكتېرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن باياناتتا، «ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرىشى ۋە ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى، تۈرك خەلقىنىڭ، قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ ھەقلىق دەۋاسى يولىدا چىقىرىدىغان ھەرقانداق قارارىغا ئىگە چىقىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، قىبرىستا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا ھەرقانداق ئەھۋالدا يول قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «شەرقىي ئاقدېڭىزدا خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنى قەتئىي قوغداش ئىرادىمىز تەكىتلەپ ئۆتۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتىكى «تۈركىيە ھەر تۈرلۈك مۇشتۇمزورلۇققا قارشى لىۋىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارە دىققەتنى تارتتى.

باياناتتا يەنە، دۇنيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تۈزۈمىنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىش مۇساپىسىگە قەدەم قويغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك مېخانىزملارنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر