ئەنقەرەدە لىۋىيە توغرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

پايتەخت ئەنقەرە رۇسىيە ھەيئىتى بىلەن مۇھىم تېمىلار بويىچە قىلىنغان مۇزاكىرەلەرگە ساھىبخانلىق قىلدى.

1459908
ئەنقەرەدە لىۋىيە توغرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىنىن (Sergei Vershinin) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى رۇسىيە ھەيئىتى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 21-ئىيۇل) ۋە بۈگۈن (22-ئىيۇل) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى. رۇسىيە ھەيئىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، لىۋىيەدىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە سىياسىي مۇساپىگە ئاساس تەييارلاش مەقسىتىدە 8-يانۋار (2020) ئىستانبۇلدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى باشلىغان تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ، لىۋىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن ب د ت شەرتنامىلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپلىرىغا قەتئىي بويسۇنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەتنىڭ لىۋىيەدىكى كىرىزىسنى ھەربىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە مەسىلىنىڭ پەقەت لىۋىيەلىكلەرنىڭ باشچىلىقىدا ۋە لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشى، ب د ت نىڭ ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى ئاستىدا، سىياسىي مۇساپە بىلەن ھەل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ئىپادە قىلىنغان باياناتتا، «ئۇچرىشىشلاردا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەلگىلىگەن لىۋىيەدىكى تېررورىست كىشىلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى» دېيىلدى.

باياناتتا، لىۋىيەدە خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش، ئىنسانىي مۇھىتنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىلىرىنى تەكرار نامايان قىلىپ، بۇ مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«لىۋىيەدە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش مەقسىتىدە، لىۋىيە تەرەپلىرىنى بۇنىڭغا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش، لىۋىيە ھەققىدە 2020-يىلى 19-يانۋار ئېچىلغان بېرلىن كونفېرانسىنىڭ نەتىجىلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ب د ت بىلەن بىرلىكتە لىۋىيەلىكلەر ئارا سىياسىي دىيالوگنى ئالغا سۈرۈش، بىخەتەر بولغان ئىنسانىي مۇھىتنى بەرپا قىلىش ۋە ئېھتىياجى بولغان ھەممە كىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەرەپلەرنى تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىش، لىۋىيە مەسىلىسىدە ئورتاق خىزمەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە بۇلارغا قارىتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرەلەرنى پات ئارىدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر