ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن 44 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1458969
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسىنىڭ مادرا دەرياسى ساھىللىرىدا، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قوغلىۋېتىلگەن 44 چەت ئەللىك كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان. كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر