ئەردوغان ئەزەربەيجان، ئاياسوفيا ۋە لىۋىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قېرىنداش ئەزەربەيجاننى يالغۇز تاشلاپ قويالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1457018
ئەردوغان ئەزەربەيجان، ئاياسوفيا ۋە لىۋىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
Azerbaycan ve Türkiye Savunma Bakanlıkları.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئەزەربەيجان، ئاياسوفيا ۋە لىۋىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«قېرىنداش ئەزەربەيجاننى ھەرگىزمۇ يالغۇز تاشلاپ قويالمايمىز. تاغلىق قاراباغ ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مىنسك گۇرۇپپىسىدىكى ئۈچ دۆلەت تەخمىنەن 30-25 يىلدىن بۇيان بۇ ئىشنى ئۈستەلدە تاشلاپ قويدى» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «چەت ئەللەردىن كەلگەن ئىنكاسلار بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئاياسوفيانىڭ بۇ ئەھۋالى بىزنىڭ ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىمىز ھېسابلىنىدۇ. ھېچكىمنىڭ بۇ يەردە بىزنىڭ ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەسىلىگە ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېدى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھازىرغىچە لىۋىيەدە قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان بولساق، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرىمىز. لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. بىزنىڭ لىۋىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇناسىۋەت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر