بۈگۈن 18 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1452253
بۈگۈن 18 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 18 كىشى قازا قىلدى.  بۇنىڭ بىلەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 300 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  50 مىڭ 103 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 24 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

دوختۇرخانىدىن چىققان 2 مىڭ 879 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 190 مىڭ 390 غا يەتتى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر