ئەردوغان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى، ئەلباشى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.
1450227
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى ئارقىلىق ئەلباشى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەر بىلەن كوۋىد – 19 غا قارشى ئورتاق كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.