ئەردوغان: سېلىنغان مەبلەغلەر كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1449633
ئەردوغان: سېلىنغان مەبلەغلەر كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس بولىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەردوغان 11 مىليارد 300 مىليون تۈرك لىراسى مەبلەغ سېلىنىپ، 26 شەھەردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 52 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىزمەت ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: «بىز پۈتۈن دۇنيا بېكىك ھالەتكە ئۆتكەن بىر مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىشنى قوللاش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان مۇسبەت پەرقىمىز بىلەن (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس) يۇقۇمىغا تەسلىم بولمىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلدۇق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر