ئەردوغان بۈگۈن قاتاردا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن قاتاردا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1447317
ئەردوغان بۈگۈن قاتاردا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۈگۈن قاتاردا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كوۋىد – 19 يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى قاتارغا قارىتىدىغان ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر