ئەردوغان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، تۈركىيە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلە» دېدى.

1447021
ئەردوغان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى
Cumhurbaşkanı Erdoğan İl Başkanları Video Konferans 3.jpg
Cumhurbaşkanı Erdoğan İstanbul İl Teşkilatı Video Konferans.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە باشلاندى.

6-قېتىملىق ئاستانا ئۇچرىشىشىنىڭ «سۈرىيە» تېمىلىق تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى، ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋىدېئو كونفېرانس ئۇسۇلىدا قاتناشتى.

جۇمھۇر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قوشنىمىز سۈرىيەنىڭ بالدۇرراق خاتىرجەملىككە ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى داۋاملىقكۆرسىتىمىز. سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى، جەمئىيەتتە مۇقىملىقنى ئورنىتىش ۋە ئىختىلاپلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىش ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلىرىمىزدۇر» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ: «سۈرىيەدە تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى يوقىتىش، بىز ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلە» دېدى.

تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئۈچ تەرەپنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، يىغىندا، دۆلەت باشلىقلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

رەھبەرلەر يەنە، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىمۇ بىلدۈرگەن.

ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ چىقىلغان يىغىنىدا، ئىدلىبقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا، سۈرىيەدىكى ئىختىلاپلارنىڭ سۈرىيەلىكلەرنىڭ باشچىلىقىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سىياسى مۇساپە ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

ئۈچ رەھبەر سۈرىيەدىكى مۇساپىرلار ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ، بىخەتەر ۋە ئىختىيارىي ھالدا قايتىپ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەكىتلىدى.

رەھبەرلەر ئورتاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ئۈچ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 رەھبەرلەر ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كېلەر نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى پات ئارىدا ئىراندا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر