چاناققەلئەدە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قوغلىۋېتىلگەن 62 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1443796
چاناققەلئەدە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئەگە دېڭىزىدىن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن 62 كۆچمەننىڭ گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قوغلىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئۇلارنى دەۋەبوينۇ تۇمشۇقى ساھىللىرىدا قۇتقۇزۇۋالدى، ئاندىن ئايۋاجىققا قاراشلىق كۈچۈكقۇيۇ رايونىدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قاراۋۇلخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر