ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈرك كېڭىشى بوزقىرنى تەبرىكلىدى

ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى چۈ دوڭيۈ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈرك كېڭىشى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى باش ئەلچى ۋولقان بوزقىرنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

1439386
ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈرك كېڭىشى بوزقىرنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىن ۋولقان بوزقىر ئەپەندىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپ ماددىلىرىڭلار، ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى پىلانىدىكى كۈنتەرتىپ ماددىلىرىغا ماس كېلىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋولقان بوزقىر ئەپەندىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.»

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىسامۇددىن ھۈسەيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ولقان بوزقىر ئەپەندىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى باغداد ئەمرېيېۋمۇ، باش ئەلچى ۋولقان بوزقىرنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

ۋولقان بوزقىر، 193  دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، 178 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئومۇمىي كېڭەشنىڭ 75 – نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى.

تۈركىيەدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان تۇنجى شەخس بولغان بوزقىر، 15 – سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى باندېدىن ۋەزىپە تاپشۇراۋالىدۇ، ھەمدە 2021 – يىلى سېنتەبىرگىچە ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر