ئەردوغان كېنياتتا بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كېنىيە پىرېزىدېنتى ئۇخۇرۇ كېنياتتا بىلەن تېلېفونلاشتى.
1438115
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت كېنياتتانىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇردى.