ئىزمىردا 42 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ فوچا ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قوغلانغان 42 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1434932
![ئىزمىردا 42 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/dfaa/ede7/0b9c/5ee32a5309ac5.jpg?time=1718671978)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئىزمىرنىڭ ئاسلان تۇمشۇقى ساھىللىرىدا گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قوغلانغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال رايونغا يېتپ بېرىپ، 42 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.