ئەردوغان دىجىتال ئۆزگىچىلىك يارىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا دىجىتال ئۆزگىچىلىك يارىتىپ، كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1433789
ئەردوغان دىجىتال ئۆزگىچىلىك يارىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز  ئۆزگىرىشچان دۇنيانى پەقەت يىراقتىن كۆزىتىۋاتمايمىز، يېقىنقى 18 يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ۋە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىمىز  ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ ئاكتىيورلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كۈچلۈك دىجىتال ئۆزگىچىلىك يارىتىپ، كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارايمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «دىجىتال ئۆزگىچىلىك يارىتىش، دىجىتال دۇنيادا ھەقىقەتلەر ئاسانلا ئۆزگەرتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق مۇنداق دېدى: «يەرلىك ۋە مىللىي تېخنولوگىيە ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانلىرىمىز، دىپلوماتىيە سىياسىتىمىز، دىجىتال دىپلوماتىيەمىز ۋە مىللىي بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق دىگىتاللاشقان كەلگۈسىگە تەييارمىز. كېلەچەكنىڭ خەزىنىسى بولغان دۇنيانىڭ شەكلىنى، تۈزۈمىنى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش بىزنىڭ قولىمىزدا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر