ئەردوغان شېھىت ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى باتمان ۋىلايىتىنىڭ قوزلۇق ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئوقۇتقۇچى شەناي ئايبۈكە يالچىن ئۈچۈن  مەخسۇس ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشتى.

1432565
ئەردوغان شېھىت ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «شېھىت بولغانلىقىنىڭ 3 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تېررورچىلار تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىمىز ئايبۈكە يالچىننى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىگەن ھالدا ياد ئېتىمەن، شېھىت ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ پاراۋانلىقىغا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان بارلىق مائارىپچىلىرىمىزنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر