ئەردوغان: بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنى بىنا قىلىشتا ئاخىرقى بۇرۇلۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنى بىنا قىلىشتا ئاخىرقى بۇرۇلۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1432738
ئەردوغان: بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنى بىنا قىلىشتا ئاخىرقى بۇرۇلۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەخمىنەن ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۆتكۈزۈلگەن كابېنت يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) پۈتۈنلەي يىلتىزىدىن يوقىتىلمىغىچە، نورمال ھاياتنىڭ ماسكا، ئىجتىمائىي مۇساپە ۋە تازىلىق پىرىنسىپلىرى رامكىسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «يېڭى نورمال دەۋاتقان ۋە خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىدىغان يېڭى تۇرمۇش تەرتىپىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە ئۆزىمىزنى كۆندۈرۈشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇ ۋابانى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇۋاتقان «فاۋىپىراۋىر» (Favipiravir) ناملىق دورىنى، تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ تۈبىتاك (تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئىدارىسى) نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىغانلىقىنى ۋە دورىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەمدىلىكتە 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى 10:00 دىن 20:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەر كۈنى سىرتقا چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى نورمال ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت، خىزمەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە يولغا قويۇلغان بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خەلقىمدىن ھەم يېڭى مەزگىلنىڭ قائىدەلىرىگە رىئايە قىلىپ، ھەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ۋە تۇرمۇشىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇساپىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى بولغان 2023-يىللىق نىشانغا يېتىشكە ئاز قالغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ ۋابادىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە قاتناش-تىرانسىپورت ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنى بىنا قىلىشتا ئاخىرقى بۇرۇلۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇلدى. ھەر قانداق ۋابا ۋە تەھدىت، دۆلەت ۋە خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىتتىپاقلىقىمىزدىن، باراۋەرلىكىمىزدىن، قېرىنداشلىقىمىزدىن، ھەمكارلىقلىرىمىزدىن چوڭ ئەمەس، دېگەن ئىشەنچ بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ 40 يىلغا يېقىنلاشقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىدە تارىختىكى ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا قايتا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ پەيدا قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇلمايدىغانلىقىنى، لىۋىيەدە ھەربىي ئىسيانچىلارنى، ئىمپېرىيالىستلارنى ئەمەس، بەلكى خەلقنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر