جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنىت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنىت يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چاقىرىلىدۇ.

1432239
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنىت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنىت يىغىنى ئارىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ھالەتتە چاقىرىلىدۇ.

يىغىننىڭ پايتەخت ئەنقەرەنىڭ بەشتەپە رايونىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسيانچى ھافتەرگە قارشى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىقلار مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر