چەت ئەللەردىن ئېلىنغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ چەت دۆلەتلەردىن ئالغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بىلەن تۈركىيەدە ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولىدىغان مۇددەت بىر يىلدىن ئىككى يىلغا چىقىرىلدى.

1430051
چەت ئەللەردىن ئېلىنغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشيول قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

بەلگىلىمە بويىچە، تۈركىيە پۇقرالىرى چەت دۆلەتلەردىن ئالغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا، ئىككى يىل ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدۇ. تۈركىيەدە ئالتە ئايدىن ئارتۇق تۇرغانلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنىڭ ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورگانلىرى تەستىقلىغان ئىسپات يېنىدا بولۇشى كېرەك.

چەت ئەللەردىن ئالغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئىككى يىلدىن كېيىن تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن بېرىلگەن شوپۇرلۇق كېنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق جايدىكى نوپۇس ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغاندا، بىلدۈرۈلۈشى كېرەك بولغان ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلار، نوپۇس ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر