تۈركىيە مىللىي خەۋپسىزلىك ئورگىنى: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي خەۋپسىزلىك ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1428372
تۈركىيە مىللىي خەۋپسىزلىك ئورگىنى: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ھەق، ئالاقە ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى بەل قويۇۋەتمەستىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېدى.

مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىك بىلەن (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ) مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان پ ك ك/ ك ج ك– پ ي د/ ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررورىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە رايوننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىغا «ئىختىيارىيلىق، شۇنداقلا خاتىرجەم ھالدا» قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەتلەرنىڭمۇ بەل قويۇۋەتمەستىن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىكى قانۇنلۇق قەدەملىرى ھەققىدە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق پايدىدا بىر يەرگە جەم بولغان بەزى ئاكتىيورلارنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاقدېڭىزدىكى يوللۇق ۋە قانۇنلۇق قەدەملىرىگە تۇتۇۋاتقان سەلبىي پوزىتسىيەلىرى مۇھاكىمە قىلىندى؛ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ھەق، ئالاقە ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى بەل قويۇۋەتمەستىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، تۈركىيەنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ، لىۋىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، دۆلەت مىقياسىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ئارقىلىق قوللاشنى داۋاملاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى. خەلقئارا جەمئىيەت، لىۋىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، قانۇنلۇق لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئېنىقسىز تەشكىلاتلارغا قارشى پىرىنسىپال پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىلدى.»

باياناتتا يەنە، دۇنيا مىقياسىدا باش كۆتۈرگەن كورونا ۋىرۇسىغا قارشى توختاۋسىز كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ ساغلاملىق، ئاشلىق، تېخنولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئامانلىقى قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ئۇتۇقلۇق خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر