تۈركىيەدە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ئازايماقتا
تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، سالامەتلىك تەكشۈرۈش سانى ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى ۋەقەلەردە تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە.
1427475
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 23 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 563 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 31 مىڭ 525 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 827 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 974 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 128 مىڭ 947 گە يەتتى.