ئىزمىردا 60 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قوغلانغان 60 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1426181
ئىزمىردا 60 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قومانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى ساھىللىرىدا كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 28 كونگولۇق، 23 ئافغانىستانلىق، 5 ئېرىتىيەلىك، 2 مالىلىق، بىر نىگېرىيەلىك ۋە بىر سومالىلىقتىن تەشكىل تاپقان كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 كۆچمەن رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر