ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 قا چۈشتى
تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدىكى چۈشۈش بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
1425242
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە، ئىزچىل ھالدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنماقتا.
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 قا چۈشۈشى بىلەن، بۇ سان 4 مىڭ 461 بولدى.
24 سائەتتە 33 مىڭ 559 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 182 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 576 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 124 مىڭ 369 قا يەتتى.