تۈركىيە يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە چاقنىغان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن شەكىللەنگەن دۇنيا مۇساپىسىدە، چاقنىغان يۇلتۇزغا ئوخشاش ئالدىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

1425258
تۈركىيە يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە چاقنىغان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان كابېنتنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇش بىلەن ئۆتكەن 2 يېرىم ئايدا، 5 يېرىم مىليون كىشىگە ھەقسىز ماددىي ياردەم يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئىزچىل ھالدا پۇقرالارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ماۋرىتانىيەدىن بولىۋىيەگىچە، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق پۇقرامىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدۇق. تۈركىيەدىن تىببىي ياردەم تەلەپ قىلغان 135 دۆلەتنىڭ 100 ىگە ياردەم قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ۋاباغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، يۇقۇم ۋەقەلىرىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يېڭى نورمال تەرتىپ رامكىسىدا، بەزى شەھەرلەردە يولغا قويۇلغان كىرىش-چىقىش چەكلىمىلىرى 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، مەمۇرىي رۇخسەت بېرىلگەن ياكى جانلىق شەكىلدە ئىشلەۋاتقان دۆلەت خادىملىرىمۇ نورمال ئىشقا چۈشىدۇ» دېدى.  

ئۇ رېستوران، قەھۋەخانا، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى، باغچا، مۇزېيى، كۇتۇپخانا، يەسلى ۋە كۈندىلىك بېقىش ئۆيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېچىلىدىغانلىقىنى، يەككە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، ئۈستى ئوچۇق كونسېرتلار، دېڭىز ساياھەتچىلىكى ۋە قاتناش ئىشلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئاي بېشىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى بىر مەزگىلگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پايدىلىق دەپ قارايمىز. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىقنى جانلىقلىققا ئىگە قىلغان ۋاقىتتا، پارلاق كېلەچەكنىڭ بىزنى كۈتىدىغانلىقىغا چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىمىز. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن يېڭىدىن شەكىللەنگەن دۇنيا مۇساپىسىدە، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ھازىردىن باشلاپلا ئىشىنىشكە باشلىدۇق. تۈركىيە چاقنىغان يۇلتۇزغا ئوخشاش ئالدىغا چىقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر