تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىراقنىڭ شىمالىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 5 ئەزاسى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

1424102
تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان 5 پ ك ك تېررورچىسىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ۋان ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ۋاندا 2016 – يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋىلايەتلىك شۆبىسى بىلەن بىر ساقچى بىرونىۋىكىغا قىلىنغان ئىككى ئايرىم ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان، تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىنىڭ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەسىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن «رەشىت» تەخەللۇسلۇق پ ك ك تېررورچىسى مۇستافا ئەرتاشنىڭ گۈرپىنار ناھىيەسىدىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر