تۈركىيە چېخىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە چېخىيە پارلامېنتىنىڭ 1915 – يىلقى ۋەقەلەر توغرۇلۇق چىقارغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1421789
تۈركىيە چېخىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، چېخىيە پارلامېنتىنىڭ پالاتا قانىتىدا ئالدىنقى كۈنى ماقۇللانغان قارارنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە 2017 – يىلى زىيان يەتكۈزگەن ۋە بىر تەرەپلىمىلىك دەلىل – ئىسپاتسىز ئىغۋالارغا ئاساسەن توقۇپ چىقىرىلغان بىمەنە قاراشنىڭ چېخىيەدە ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، بۇ قارارنىڭ،  پۈتكۈل دۇنيا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، پالاتادا ناھايىتى ئاز ساندا پالاتا ئەزاسى بار بىر ۋەزىيەتتە ماقۇللىنىشىنىڭ، بۇنىڭ پەردە ئارقىسدىكى يامان نىيەتنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ 2015 – يىلقى 173 – ۋە 231 – ماددىلىرىغا ئاساسەن، 2017 – يىلى ئىككىنچى قېتىم يېڭىلانغان 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار قارارنىڭ تارىخىي تالاش – تارتىشلاردىن باشقا قىلچە ئەھمىيىتى يوقتۇر. دەرۋەقە، تارىخىي بىر ۋەقەنى سىياسەت ۋە مەلۇم كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. تارىخقا بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا قارىماقچى بولغانلارنىڭ، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 24 – ئاپرېل مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ئەرمەنلىرى چېركاۋىغا يوللىغان مەكتۇبىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق دەرد – ئەلەملەرنى ئورتاقلىشىش ئېڭىنى نەزەرگە ئېلىشىغا تىلەكداشمىز. چېخىيە پارلامېنتىنى <لوزان كېلىشىمى> نىڭ ھۆكۈملىرىگە، خەلقئارالىق سوت مەھكىلىرىنىڭ قارارلىرىغا ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ تارىخىي ۋە ھازىرقى قارار مەنبەلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. بىزگە نىسبەتەن قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان بۇ قارار، ۋاقىتلىق ئەرزىمەس مەنپەئەتلەرنى دەپ، تارىخنى ئۈستەل ئۈستىدە يازماقچى بولۇۋاتقانلارنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇشلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  دەرۋەقە، چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس پېترىكېكمۇ، بۇ قارارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر