تۈركىيەدە يۇقۇم سانى مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈشكە باشلىدى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدىكى چۈشۈش بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

1421380
تۈركىيەدە يۇقۇم سانى مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدىكى چۈشۈش بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

بىر كۈنلۈك  يۇقۇم سانىنىڭ مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈشى، كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتەۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 27 گە چۈشۈشى بىلەن، بۇ سان 4 مىڭ 249 بولدى.

24 سائەتتە 33 مىڭ 633 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 961 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ ئۈچ كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 114 مىڭ 990 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر