ئەردوغان روزا ھېيت بويىچە تۈركىيەدە كوچىغا چىقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھارپا كۈنىدىن (يەنى 23 - مايدىن) باشلاپ، روزا ھېيت مەزگىلى بويىچە (24-مايدىن 26-مايغىچە) بارلىق شەھەرلەردە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا قويىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1419660
ئەردوغان روزا ھېيت بويىچە تۈركىيەدە كوچىغا چىقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 8 - نۆۋەتلىك سىن كونفېرانسى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، داۋالىنىۋاتقان بىمارلار سانىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ سان نۆلگە چۈشكەندە نورماللاشتۇرۇش ۋاقتىنىڭ باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «ئەگەر سەلبىي ئەھۋال كۆرۈلسە، بىز تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىشىمىز مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

ئەردوغان يەر شارى خاراكتېرلىق بۇ يۇقۇم تەھدىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقۇلىشىنىڭ بولسا، مەسىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەل قىلىنىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يىللارغىچە چېگرىمىزنى پۈتۈنلەي تاقاپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئاخىرىلىشىشىنى كۈتەلمەيمىز» دېدى ۋە نورماللىشىشنىڭ كېلەر ئاي زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھارپا كۈنىدىن باشلىغانچە روزا ھېيت بويىچە  (24-مايدىن 26-مايغىچە) پۈتۈن تۈركىيەدە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا قويىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىنىڭ سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ بولسا،  29 – مايدىن ئېتىبارەن قائىدىلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر