مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چەت ئەللەردىن 438 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ جىنازىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى كوۋىد-19 سەۋەبىدىن چەتئەلدە ياشايدىغان 535 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1419663
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چەت ئەللەردىن 438 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ جىنازىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادىن تارقىتىلىدىغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بەردى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «دۇنيادا 135 دۆلەت بىزدىن  داۋالاش ئەسلىھەلىرى تەلىپىدە بولدى. بەزىلىرى سېتىۋېلىش، بەزىلىرى ياردەم شەكلىدە تەلەپتە بولدى. 81 دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى قىسمەن بولسىمۇ قامدىدۇق. ھازىر «بىز باشقىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز» دەپ خىزمەت قىلماقتىمىز" دېدى.

چەتئەلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۈگۈنگە قەدەر چەتئەلدە ياشايدىغان 535 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. 438 جىنازىنى دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كەلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر