تۈركىيە ماۋرىتانىيەگە ماسكا ياردەم قىلدى
تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، ماۋرىتانىيەگە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 19200 ماسكا ياردەم قىلدى.
1417682
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نۇۋاكشۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەم كاھيائوغلۇ، 19200 ماسكىنى ماۋرىتانىيە باش مىنىستىرلىق ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تاپشۇرۇپ بەردى.
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى ماۋرىتانىيەدە ھازىرغىچە 2 ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلدى، 16 ئادەمدە يۇقۇم بايقالدى.