تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بەردى

شىرناق ۋە دىيارباكىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1417031
تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە شىرناقنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، 1 تېررورچى ئۆلدى، 1 تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن تېررورچىنىڭ «ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 1 مىليون تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى» ئېلان قىلىنغان سېرىق رەڭلىك تىزىملىكتىكى بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى سايىسىدا دۆلەت ئىچىدە يەنە 5 تېررورچىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قېچىپ كەتكەن 5 تېررورچىغا خىتاب قىلىپ، «قېچىپ كەتكەن 5 تېررورچى ئۆزۈڭلارنى تەلەيلىك دەپ ئويلاپ قالماڭلار... قەھرىمانلار ئىزىڭلارنى قوغلاۋاتىدۇ...» دەپ يازدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ژاندارما قىسىملىرىنىڭ، ئائىلىلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئارقسىىدا ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىكى يىمىرىلىشلەر داۋام قىلماقتا.

بۇ دائىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتىغا قاتناشقان 2 تېررورچى، ماردىندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

شۇنداق قىلىپ 1 – يانۋاردىن بۇيان قايىل قىلىش يولى ئارقىلىق تەسلىم بولغان تېررورچىلار سانى 78 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر