ئەردوغان: تۈركىيە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشنى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1415567
ئەردوغان: تۈركىيە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشنى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دۇنياۋى كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى 83 مىليون (خەلق) بىرلىكتە قىلغان كۈرەشنى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ساغلاملىققا بولغان سەزگۈرلۈكىمىزدىن قەتئىي بوشاشماستىن خەلقىمىزنى ۋە دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، كۈچەيتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىغا ئىلاۋە قىلىپ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا ىچقىرىلغان قارارلار ۋە بېرىلگەن ياردەملەرگە ئالاقىار بىر كۆرسەتكۈچنىڭ فوتو سۈرىتىنىمۇ ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر