گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئە ۋە ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1415657
گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ئافغانىستان، كونگو، ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە مالىلىق 24 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا مۇساپىر، چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدىن كامىر قېيىققا ئولتۇرۇپ دېڭىز ئارقىلىق يولغا چىققاندىن كېيىن، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلاندى.

مۇساپىرلارنىڭ ياردەم تەلىپىگە ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، كۈچۈكقۇيۇ بازاردىكى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەلدى؛ 10 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 24 كىشىگە يېمەك – ئىچمەك ياردىمى بېرىلدى.

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ 2 كېمىدە مۇساپىرلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، گىرېك دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 17 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 53 مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى.

مۇساپىرلار مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر