تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان بىر ئىتالىيە پۇقراسىنى قۇتۇلدۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT)، كېنىيەدە گۆرۈگە ئېلىنىپ سومالىغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر ئىتالىيە پۇقراسىنى پۇختا پىلانلارنى تۈزۈش ئارقىلىق ساق – سالامەت قۇتقۇزۇۋالدى.

1414931
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان بىر ئىتالىيە پۇقراسىنى قۇتۇلدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەنىڭ چاكاما رايونىدا 2018 – يىلى نويابىردا گۆرۈگە ئېلىنىپ سومالىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىتالىيە پۇقراسى 25 ياشلىق سىلۋىئا كونستانزو رومانونى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىتالىيە دائىرىلىرى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، 2019 – يىلى دېكابىردا رومانونىڭ ئەھۋالى ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، رايوندىكى يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك تورلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىرىنچى قەدەمدە رومانونىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئارقىدىن ناھايىتى پۇختا تەييارلىقلارنى قىلىپ رومانونى قۇتقۇزۇپ، ئالدىنقى كۈنى سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ئىتالىيە دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، رومانونىڭ ئافرىقا مىلەلەل ئونلۇس ئىسىملىك بىر خەير – ساخاۋەت ئورنىدا خالىسانە خىزمەت قىلىدىغانلىقى، خېلىدىن بۇيان مۇشۇ خىزمەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن كېنىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

رومانونىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئىتالىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر