بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتى بۈگۈن (2020-يىلى 11-ماي) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا توپلىنىدۇ.

1414865
بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا توپلىنىدۇ. بۈگۈنكى جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى دائىرىسىدە نورماللىشىش جەدۋېلى ۋە ۋاباغا قارشى كۈرەش ئەھۋالى قاتارلىق ماددىلار بار.

يىغىندا، كۈندىلىك يۇقۇملىنىش سانىغا قاراپ چىقىلىدۇ ۋە بىلىم كېڭىشىنىڭ تەۋسىيەلىرى بويىچە يېڭى قەدەملەر بېسىلىدۇ.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدا يەنە، ھەپتە ئاخىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرى بار بولۇپ، بۇ قېتىم سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى  19-ماينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە تۆت كۈنگە چىقىرىلىشى مۇمكىن.

65 ياشتىن يۇقىرى ۋە 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشى، شۇنداقلا سىرتقا چىقىدىغان كۈن ۋە سائەت ۋاقتى كۆپەيتىلىشى مۇمكىن.

يىغىندا، قاتناش چەكلىمىلىرى يولغا قويۇلغان ۋىلايەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رېستوران، قەھۋەخانا ۋە تورتخانىلارنىڭ ئەھۋاللىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

لىۋىيە ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى تاشقى سىياسەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بولىدۇ. لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلار يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ.

سۈرىيە ماددىسىدا، ئىدلىبتىن كەلگەن ئىستىخبارات دوكلاتلىرىدىكى شىمالىي سۈرىيەدە بىخەتەر قىلىنغان رايونلارغا نىسبەتەن پەيدا قىلىنىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ.بۇ تەھدىتلەرگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىندىن كېيىن بايانارت ئېلان قىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر