چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئەزاسى بولسىدى ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ قولاي يېڭەلەيتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ئەزاسى بولغان بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ ئاسان يېڭەيلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1413870
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئەزاسى بولسىدى ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ قولاي يېڭەلەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ «9 – ماي ياۋروپا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مۇھىم تىنچلىق، پاراۋانلىق لايىھەسى ھەم ئورتاق قىممەتلەرنىڭ بىر گەۋدىسى سۈپىتىدە تۇنيا تارىخىدىن ئورۇن ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاممى ھاياتنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىگە ئالاقىدار ئورتاق سىياسەتلىرى بىلەن، ھەم ئۆز پۇقرالىرىغا ھەم خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيا،  ۋىرۇس، قويۇق  گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت، كۆپ تەرەپلىككە يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە رايونلۇق توقۇنۇشلار قاتارلىق خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. جۈملىدىن، خەلقئارالىق تۈرۈزۈم ئېنىقسىزلىقلار ۋە توقۇنۇشلار بىلەن تولۇپ تاشقان خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، بىر تەرەپتىن، يېڭى ئىتتىپاقداشلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىشىگە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە ئەزاسى بولسىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پەقەت <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىلا ئەمەس، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنىمۇ تېخىمۇ ئاسان يېڭەلىگەن بولاتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات سالاھىيىتىدىكى تۈركىيە، ئەزالىقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھدىنامىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان، پىرىنسىپلىق بىر خەلقئارالىق ئاكتىيور بولۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشقا تەيياردۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە مەۋجۇت خىرىسلارنى يېڭىشتا ئىتتىپاقققا ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدۇ. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، دىپلوماتىيەدىن ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگىچە، بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن چېگرا لىنىيەلىرىنى كونترول قىلىشقىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كۆچمەنلەر سىياسىتىگىچە كەڭ دائىرىدە كۆپلىگەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، رايون ۋە خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ كېلەچىكى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش جەريانىدىكى پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئەسلىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغىنىمىز، تار رامكىلىق قاراشلارنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان مىللىي پوزىتسىيەلەردىن ھالقىپ ئۆتلەيدىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ <سەرخىللىق ئاساسىدىكى ئىتتىپاق>  شوئارىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىشىكى، ئورتاق كېلەچەك ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەر جەھەتتىن سەمىمىي ۋە ئەھمىيەتلىك ھەمكارلىق پىكرىگە ھەمىشە ئوچۇقتۇر. مانا مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئالدى بىلەن ئۆز پۇقرالىرىمىزنىڭ، ئاندىن پۈتكۈل ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ <ياۋروپا كۈنى> نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر