تۈركىيە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە تېببىي ياردەم يوللىدى

تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە داۋالاش بۇيۇملىرى ياردىمى يوللىدى.

1408251
تۈركىيە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە تېببىي ياردەم يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە،  جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىلىدىغان داۋالاش بۇيۇملىرى ياردەم ئەشيالىرى قاچىلانغان ئايروپىلاننىڭ قەيسەرىدىن قوزغالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ A-400M تىپلىق ئايروپىلانى بىلەن ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر