ئەردوغان: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا يېڭىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئاخىرقى غەلىبىنى 83 مىليون تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1402171
ئەردوغان: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا يېڭىمىز

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەككى، 83 مىليون تۈركىيە خەلقى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بىرلىكىمىز، باراۋەرلىكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزغا مەھكەم يېپىشقىنىمىزدىلا، ئاندىن كەلگۈسىمىزگە ئىشەنچ بىلەن نەزەر تاشلىيالايمىز.»

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى ئورۇن ئالغان كۆرۈنۈشلۈك مەلۇماتلارنىمۇ ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر