چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى رامزاندىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كېلىش پىلانلانماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چەتئەللەردە ۋۇخەن  ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى سانىنىڭ 342 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1400926
چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى رامزاندىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كېلىش پىلانلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، چەتئەللەردە كوۋىد -19 يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى سانىنىڭ 342 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ ھازىرغا قەدەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 74 دۆلەتتىن 25 مىڭدىن ئارتۇق  تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە كارانتىناغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 75 دۆلەتكە يەنە 105 مەخسۇس ئايروپىلان يوللاشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، مۇمكىن قەدەر رامىزان ئېيىدا (24-ئاپرېل) پۇقرالىرىمىزنى مەملىكەتكە قايتۇرۇپ كېلىشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر