ئوقتاي: 59 دۆلەتتىن 25 مىڭغا يېقىن تۈركىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىش چوڭ ھەرىكىتىنى باشلىدۇق

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، 59 دۆلەتتىن 25 مىڭغا يېقىن تۈركىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىش چوڭ ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1399973
ئوقتاي: 59 دۆلەتتىن 25 مىڭغا يېقىن تۈركىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىش چوڭ ھەرىكىتىنى باشلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، 59 دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان 25 مىڭغا يېقىن تۈركىيە پۇقراسىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان رامىزان ئېيى ۋە روزا ھيېتنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغانلىقلىرىىنى ئۇقتۇردى.

فۇئات ئوقتاي ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۇقرالىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقۇمغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشەققەتلىك كۈرەش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 25 مىڭ تۈركىيە پۇقراسىنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئوقتاي، «ھازىرمۇ جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، 59 دۆلەتتىن 25 مىڭغا يېقىن پۇقرايىمىزنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتىنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلىدۇق. نىشانمىز پۇقرالىرىمىزنىڭ ئىنشائاللاھ مۇبارەك روزا ھېيتىدا يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن قوچاقلىشىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مىللەتنىڭ غەيرەت – شىجائەتلىك، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ۋە قەتئيلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ مىللەت مۇشۇنداق قىيىن كۈرەشتىمۇ تارىختا ئۈلگىلىرىنى قايتا – قايتا نامايان قىلغىنىدەك، ھەممە بىرلىكتە قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە غەلىبە قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر