مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى چەت ئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان گېزىتلەردە بەس- بەستە ئېلان قىلىندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» ئۈچۈن 2020 - يىلى 2 - ئاپرېلدا يازغان «بۈگۈن قىلغانلىرىمىز ئەتىنى بەلگىلەيدۇ» ناملىق ماقالىسى ئوخشىمىغان قىتئەلەردىكى نۇرغۇنلىغان گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى.

1398564
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى چەت ئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان گېزىتلەردە بەس- بەستە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا شۇنداقلا ئىتالىيە، فرانسىيە، پورتۇگالىيە ۋە رۇمېنىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى جەمئىي 78 ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) ئاپىتى يۈز بەرگەن ھازىرقى مەزگىلدە،  يەر شارى خاراكتېرلىك گىئوپولىتىلىق رىقابەت ۋە سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ ھېچقانداق مەنە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بارلىق زىددىيەتلەرنى تاشلاپ،  توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دىيالوگ ۋە يارىشىش ئىزدىنىشىنى باشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ھەممەيلەنگە مۇناسىۋەتلىك ۋە دۇنياۋى ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر مەسىلىنىڭ «كىشىلەرگە، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا، ئىقتىسادقا ۋە ۋىجدانغا ئېغىر  بەدەللەرنى تۆلىتىۋاتقان» توقۇنۇشنى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «شۇڭلاشقا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئوتتۇرا شەرقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بارلىق ئخىتىلاپلارنى تاشلاشقا، توقۇنۇشلارنى تۈگىتىشكە ۋە ئەستايىدىل دىيالوگ ۋە يارىشىش تىرىشچانلىقىغا چاقىرىمىز. ھەممەيلەننىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ساغلاملىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئىكەنمىز، گىئوپولىتىكىلىق رىقابەت ۋە سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق. ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ھەممىمىز بىر مىنۇت ۋاقىت ئايرىساق، بۇ چاقىرىق جاۋابسىز قالمايدۇ» دېدى.  

كوۋىد -19 نىڭ ئانتاراكتىكادىن باشقا بارلىق قىتئەلەرگە تارقالغانلىقى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشئوغلۇ ماقالىسىدە تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى:

«ئىنسانىيەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ئۆيدە ئولتۇرۇشقا مەھكۇم قىلىندى. ئەپسۇسكى، ھازىرغا قەدەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سانلار بىلەن يوقىتىپ قويغان كىشىلەر سانىغا تېخىمۇ كۆپ سان قوشۇلىدۇ. ۋابانىڭ ئىقتىسادىي بەدىلىمۇ ئادەمنى چۆچىتىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرلىرىنىڭ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ ھازىرقى دۆلەت ئاجىزلىقلىرى، سىياسەت ۋە بىخەتەرلىككە بولغان تەسىرى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى دۇنياۋى خاراكتېرلىك تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بىز تونېلنىڭ ئۇچىدىكى نۇرنى تېخى كۆرمىدۇق، بىز بۇنى ساقلىماسلىقىمىز لازىم. بۇ بىر ئويلىنىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رەھبەرلىك ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈش پەيتىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر