تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1198 گە چىقتى

تۈركىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن 24 سائەت ئىچىدە 97 كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1198 گە ئۆزلىدى.

1396557
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1198 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 سائەت ئىچىدە 97 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1198گە يەتتى.

24 سائەت ئىچىدە يەنە، 35 مىڭ 720 كىشى تەكشۈرۈلۈپ، 4789 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.  

بۈگۈن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 481 كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي ئەسلىگە كەلگەن بېمارلارنىڭ سانى 3446 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر