تۈركىيەدە ئىككى كۈن كوچىغا چىقىش چەكلەندى
تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى كۈرىشى كەسكىن ھالدا داۋام قىلماقتا.
1395740
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە، ئىككى كۈنلۈك كوچىغا چىقىشنى چەكلەش قارار قىلىندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بۈگۈن كېچە (2020-يىلى 10-ئاپرېل) ئەنقەرە ۋاقتى 24:00 تىن 12-ئاپرېل 24:00 كىچە 30 شەھەر بىلەن زونگۇلداكتا، ۋىلايەت چېگرالىرى ئىچىدە كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈلەيمان سويلۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ نورمال كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئەمەس. بۇلار ۋابادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەر. يەكشەنبە كۈنى سائەت 24:00 تە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.